Avatar
631w
Karwan (Hi No. 1364090)
بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھوزۇرىغا چاقىرتىپ, شۇنداق دېدى:ئەلى،سەن سىرىتقا چىقىپ ئالدىڭغا ئۇچرىغان،مەيلى ئادەم زاتى ياكى ھايۋان بولىشىدىن قەتتىنەزەر ئۇنى قەتلى قىلغىن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: خوپ، بولىدۇ دەپ سىرىتقا چىقتى.چىقىپ قارسا ئەتراپتا يە ئىنسان يە بىرە ھايۋان كۇرۈنمەيتى.خىلى ئۇزاق ماڭغاندىن كىيىن،ئالدىغا خامانلىقتا خامان تېپىۋاتقان ،بوينىغا سۇ قاپىقى ئېسىۋالغان،چىرايىدىن قارىماققا نۇر يېغىپ تۇردىغان بىر بوۋاي ئۇچرىدى. ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بوۋاينىڭ بوينىغا قاپاقتا لىق سۇ ئېسىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ ھەيران بولغان ھالدا سوردى: - بوۋاي،بوينىڭىزغا نىمىشقا قاپاقتا سۇ ئېسىۋالىسىز؟دەپ سوردى. بوۋاي جاۋابەن: -ئوغلۇم،سۇنى بوينۇمدا ئېسىپ يۇرمىسەم،نامازنى ۋاختىدا ئوقىيالمايدىكەنمەن،دەپ بەردى. ئەلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ بوۋاينىڭ ئاللاغا بولغان ئەقىدىسىنىڭ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ،نىيىتىدىن ياندى دە رەسۇلۇللانىڭ يېنىغا كىلىپ كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى. رەسۇلىللا شۇنداق دىدى: -ئەلى،سەن بېرىپ شۇ بوۋاينى قەتلى قىلغىن. ھىچنەسىنى سورما، كەلگەندە بىلىسەن. ئەلى قايتىدىن بوۋاينى قەتلى قىلغىلى بېرىپ بوۋايغا شۇنداق بىر قىلىچ ئۇرشىغا بوۋايدىن چاچرىغان ھەر بىر تامچە قاندىن توڭگۇز پەيدا بولغان ئىدى. ئەلى رەزىيللاھۇ ئەنھۇ :يا ئاللا مەن نىمە كۆردۈم،دىگىنىچە رەسۇلىللانىڭ يېنىغا كىلىپ ئەھۋالنى بايان قىلدى. پەيغەمبىرىمىز(ئاللا ئۇنىگدىن رازى بولسۇن) شۇنداق دىدىكى: -ھەي،ئەلى بىلگىنكى بۇ بوۋاينىڭ ئاللاھقا بولغان ئىتىقادىغا قىل سىغمايدۇ،لىكىن بۇ بوۋاي ئاياللىرى، باللىرى بىلەن كارى بولمىغان ،ئۇلارنى ھىدايەت يولىغا باشلاشنى ئۇنتىغان، ئايال باللىرى ناماز ئوقۇمايدۇ،زاكات بەرمەيدۇ.زىنا زالالەت قىلىدۇ. بۇنداق بەندىسىدىن ئاللا رازى بولسۇنمۇ؟ ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،مەن بۇ ھەدىس ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلدى. شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەسھۇلىيتىم، ماڭا بەرگەن ئامانەت دەپ قارىغانلىقىمدىن دوستلار چەمبىركىگە يوللىدىم.يەتكۈزۈش جەريانىدا بىلىمىمنىڭ كەمچىلىكى سەۋەپلىك تولۇق بولمىغان يەرلەر بولسا قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. ئاللادىن بوۋايدەك بولۇپ قېلىشتىن پاناھ تىلەيلى،ئامىن!
Tweet
1 like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
Like
7 Comments
sarhil : 2" 625w
FaRuH :Amin626w
yolwas13 :سەھىھ ما بۇرادەر بۇ رىۋايەت628w
Ehmad :Bu hadis sahih hades mu yaki tokul mimu?631w
abu imran2002 : 3" 631w
R187M :Maga arim yollap bagan bosi Gin 631w
R187M :Amin631w
Copyright © 2014-2026 Hi Technology, Inc. All rights reserved.Hi for iPhoneHi for AndroidPrivacyTerms